Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۈمىدىمىزنى ئەيسا مەسىھكە ئەڭ ئاۋۋال باغلىغان بىزلەر ئارقىلىق شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىشتۇر.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:12
21 Referans Kwoze  

شۇڭا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتىگە مەدھىيىلەر ئوقۇيمىز. بىز خۇدانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بۇنداق غايەت زور مېھىر-شەپقەتنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلدى.


ئەي، رەببىمىز سۆيگەن قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن ھەر دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. سەۋەبى، سىلەرنىڭ مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن پاك قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئالدىن تاللىدى.


بارلىق شان-شەرەپ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.


مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر. مېنىڭ سۆزلىرىم ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تىزلىنىدۇ، ھەربىر ئىنسان ماڭا سادىق بولىدىغانغا قەسەم ئىچىدۇ.


بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر! ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن. چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر، ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.»


خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق.


شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.


ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا، تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا، ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.


خۇدانىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى شۇكى، خۇدا ئۆزى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەتنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ئەبەدىلئەبەد كۆرسىتىشتۇر.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: - كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىڭلار، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار.


پۈتكۈل ئىسرائىل ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەنلا غەلىبە قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ماختايدۇ.


سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.


ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ..


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite