Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ھەممە ئىش خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىز ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن پىلانى بويىچە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەئەللۇق بولۇشقا تاللاندۇق.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:11
40 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.


ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بىزلەر ئۈچۈن ئەرشتە تۈگىمەس، چىرىمەس، سولماس مىراس ساقلانماقتا.


خۇداغا تەئەللۇق بولغان بىز ھەممىمىز تاكى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلغۇچە، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھ خۇدا بىزگە ۋەدە قىلغان مىراسقا ئېرىشىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىشتۇر.


بۇ، خۇدانىڭ دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرى پىلانلىغان ۋە ھازىر رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىرادىسىگە ئۇيغۇندۇر.


چۈنكى، خۇدا ۋەدە قىلغان مىراسقا قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولسا، ئۇنداقتا بۇ مىراس خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن كەلمىگەن بولاتتى. بىراق، خۇدا بۇ مىراسنى ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ئىبراھىمغا ئاتا قىلغان.


شۇنىڭدەك، خۇدا ئۆز ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغان كىشىلەرگە ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ۋەدە بەرگەندە قەسەم قىلدى.


بۇنىڭ بىلەن، بىز خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق.


خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز.


خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىسىلەر. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى يورۇقلۇقتا ياشاۋاتقان بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ مىراسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا لايىق قىلدى.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، رەببىمىز ئۆز خەلقىگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان مىراسنى سىلەرگە ئىنئام قىلىدۇ. چۈنكى، سىلەر ھەقىقىي خوجايىنىڭلار رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر.


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە تاپشۇردۇم. بۇ سۆزلەر ئارقىلىق خۇدا ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئاتىغان مىراستىن سىلەرنى بەھرىمەن قىلىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىنئالا بىلىشى ۋە پىلانى بويىچە سىلەرگە تاپشۇرۇلدى. سىلەر ئۇنى خۇدايىمىزغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار.


چۈنكى، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم.


ئۇلار بىلمەستىنلا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بىلەن بۇرۇنلا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.


ئۇلۇغ پاراسىتىڭ، چەكسىز قۇدرىتىڭ بىلەن ئىش قىلىسەن. سەن ئادەملەرنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىسەن. ھەركىمنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە ۋە قىلغان ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرىسەن.


پەرۋەردىگار كۆڭۈل بۆلەر پاك ئىنسانلارغا، بېرىلگەن زېمىنى مەڭگۈ قالار ئۇلارغا.


يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس؛ ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى باشقىلارغا بەخت تىلەشكە چاقىردى. بۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرنىمۇ بەختلىك قىلىدۇ.


«كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكرىنى چۈشەنسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولالىسۇن؟


مېنىڭ ئىبادەتخانامنى سالىدىغان كىشى شۇدۇر. ئۇ پادىشاھلىق شان-شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، تەختتە ئولتۇرۇپ، ھۆكۈم سۈرىدۇ ۋە روھانىينىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ ئادا قىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋەزىپە بىر-بىرىگە تاقاشمايدۇ.


ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتنىشىپ باققان؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ، قۇلاق سالغان؟


بۇ پاراسەتلەرنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ تەلىملىرى ئىنتايىن ئورۇنلۇق. ئۇنىڭ پاراسىتى قالتىستۇر.


ئۇلار خۇدانى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى تېز بولسۇن، ئۇ قىلىدىغىنىنى تېز قىلسۇن، بىز كۆرەيلى! ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنچۇ، بىز بىلەيلى!» دەيدۇ.


پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك قىممەتلىك خەلقى قىلدى.


ئىگىسىمەن نەسىھەت ۋە ھېكمەتنىڭ، ئەقىل ھەم كۈچ-قۇدرەتنىڭ.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى.


خۇدا بىزگە بۇ مېھىر-شەپقەتنى چەكسىز ئەقىل-ئىدراك بىلەن ياغدۇرۇپ،


خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە قۇدرەتلىكتۇر، مەسلىھەت ۋە بىلىم ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر.


شۇنداق، خۇدا ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپ قېتىم شۇنداق قىلىدۇ، بىر قېتىم ئەمەس، ئىككى قېتىم ئەمەس، كۆپ قېتىم قىلىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، سېنى ئۇلۇغلايمەن. سېنىڭ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى سەن، بۇرۇندىلا پىلانلىغان بۈيۈك ئىشلارنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.


يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشتى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ تەلىملەر ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. خۇدا تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا تاللانغانلارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.


چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى.


خۇدا ئالدىن بەلگىلىگەن بۇ كىشىلەرنى چاقىردى ۋە ئۆزى چاقىرغان بۇ كىشىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بۇ كىشىلەرگە خۇدا چوقۇم شان-شەرەپ ئاتا قىلىدۇ.


خۇدا ئۇنىڭغا: «چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېگەنىدى. چۈنكى، بىر ئاتىدىن بولغان بۇ قوشكېزەكلەر، يەنى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تېخى تۇغۇلمىغان، دېمەك ئۇلار بىرەر ياخشى ياكى يامان ئىشمۇ قىلماستا، خۇدا ئاللىقاچان ئۇلاردىن بىرنى تاللىغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خۇدانىڭ ئادەملەرنى تاللىشى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىيىتىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە، يەنى ئۆز چاقىرىقىغا ئاساسلانغان.


بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان پىلانىنى بىزگە ئاشكارىلىدى. خۇدا خۇش رايى بىلەن بۇ پىلاننىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئالدىن بېكىتتى.


قەلبىڭلار روشەن بولۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قانداق ئۈمىدكە چاقىرغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ۋەدە قىلغان مىراسنىڭ قانچىلىك مول ۋە شانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەيسىلەر.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite