10 خۇدا بۇنى ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى بىرلىكتە ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشىغا قويىدۇ.
ھەمدە ئۇ ئارقىلىق يەر يۈزى ۋە ئەرشتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىق ئىناقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىنمۇ سۆيۈندى.
لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.
ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.
«ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! شۇڭا، توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى.
مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بولسا بىزگە ئۆز ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. خۇدا كائىناتنى ئوغلى ئارقىلىق ياراتتى ۋە ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكىتتى.
چۈنكى، مەيلى يەر يۈزىدە ياكى ئەرشتە بولسۇن، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغان. كۆرگىلى بولىدىغان مەۋجۇداتلار ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان ئەرشتىكى ھەرقانداق مەرتىۋىلىكلەر، مەنسەپدارلار، ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.
ئەيسا مەسىھ دۇنيا يارىتىلىشتىن ئىلگىرىلا خۇدا تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن تاللانغان. ئۇ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ، ئاشكارا قىلىندى.
ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.
خۇدا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ئۇنى بارلىق مەۋجۇداتقا باش قىلىپ بەردى.
لېكىن، شۇنىمۇ بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ھەممە ئەرنىڭ بېشى ئەيسا مەسىھتۇر. ئايالنىڭ بېشى ئەر، ئەيسا مەسىھنىڭ بېشى بولسا خۇدادۇر.
«ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن. بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.
يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.
چۈنكى، خۇدانىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر پىلانى بويىچە بىزمۇ خۇدا تەرىپىدىن كامالەتكە يەتكۈزۈلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە بولغاچقا، ئۇلار بىز بىلەن بىللە خۇدانىڭ كامالەتكە يەتكۈزۈش ۋەدىسىگە ئېرىشىدۇ.
بۇ يېڭى ھاياتتا بىزنىڭ يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس، خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان، مەدەنىيەتسىز ھەتتا ياۋايى، قۇل ياكى ھۆر بولۇشىمىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ بولسا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر.
ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ تېنىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنى چەتكە قاقىدىغان تەۋرات قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى كۈچىدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان يېڭى ئىنسان قىلىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى ئىناقلاشتۇرۇشتۇر.
بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. شۇنداقلا، بۇ ۋەقەلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى.
پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئالدىدا توپلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنى قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىغان قويچىدەك ئايرىيدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!
ئۇلار پەقەت ھالال ۋە ھارام يېمەك-ئىچمەك ۋە بويىنى سۇغا سېلىش رەسمىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇدا يېڭى تەرتىپنى ئورناتقۇچە كۈچكە ئىگە بولغان سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قائىدە-نىزاملاردۇر.
سىلەر بىلىسىلەر، خۇدا ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئاتا قىلدى.