6 ئۇلارنىڭ مۇھەببەت، نەپرەت ۋە ھەسەتلىرىمۇ ئاللىبۇرۇن يوقالغان. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلاردا مەڭگۈ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولمايدۇ.
- ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىلىيىگە قايت! چۈنكى، بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، - دېدى.
ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ. كىممۇ قىسقا، بىھۇدە ھاياتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟
شادلىق ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلارنىڭ ئۈمىدى، يوققا چىقار يامانلارنىڭ كۈتكىنى.
كېيىن مىسىردا يېڭى بىر پىرئەۋن، يەنى پادىشاھ تەختكە چىقتى. ئۇ يۈسۈپ ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى.
كۆزۈم چۈشكەن، كۆڭلۈم خالىغان ھەرقانداق نەرسىگە چەك قويمىدىم. كۆڭلۈم بۇ قىلغانلىرىمدىن خۇشاللىق تاپتى. بۇ مېنىڭ جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئېرىشكەنلىرىمنىڭ مۇكاپاتى بولدى.
شۇنى ئېنىق بىلدىمكى، ئىنسان ئۈچۈن ئۆز مېھنىتىدىن خۇشاللىق تېپىشتىن باشقا ياخشىراق نەرسە يوق ئىكەن، چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىممۇ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرەلىسۇن؟
مەن دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىل كۆزەتتىم. ھەققانىي ۋە دانا ئادەملەرنىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ خۇدانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ياكى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى بۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار.
مەن يەنە شۇنداق ئويلىغان: ‹بۇ يورۇق دۇنيادا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارنى كۆرەلمەيمەن، بۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا مەن ئەمدى ئادەملەرنى كۆرەلمەيمەن.