ھېكمەتلەر 9:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئازابلايدىغان بىر ئىش شۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلار ھايات ۋاقتىدا ھاياتى رەزىللىككە، قەلبلىرى ئەخمەقلىقكە تولغان بولىدۇ، ئاندىن بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ. Gade chapit la |
مەيلى ھەققانىي ئادەم ياكى رەزىل ئادەم، مەيلى ياخشى ئادەم ياكى يامان ئادەم، مەيلى پاك ئادەم ياكى ناپاك ئادەم، مەيلى قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەم ياكى قۇربانلىق قىلمايدىغان ئادەم، مەيلى ياخشى ئادەم ياكى گۇناھكار ئادەم بولسۇن، مەيلى قەسەمخور ياكى قەسەم ئىچىشتىن قورقىدىغان ئادەم بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ.
مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مۇسابىقىدە تېز يۈگۈرسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، جەڭدە باتۇر بولسىلا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، دانا بولسىلا يېمەكلىككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، چېچەن بولسىلا باي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىلىملىك بولسىلا قەدىرلىك بولمايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پۇرسەت ۋە شارائىتمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندىم.