15 ئەمما بۇ شەھەردە نامرات، لېكىن دانا بىر ئادەم بولغانىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شەھەرنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. كېيىن كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ.
نادان، مەسلىھەتكە قۇلاق سالمايدىغان قېرى پادىشاھتىن، نامرات، لېكىن دانا يىگىت ياخشىدۇر.
لېكىن باش ساقىي يۈسۈپنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئايال پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە نەسىھەت قىلدى. ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب بۇرغىسىنى چالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. يوئاب يېرۇسالېمغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەتتى.
چۈنكى نادان ئادەملەر ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىگە ئوخشاش دانا ئادەملەرمۇ ئوخشاشلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ ھەممىسى بىردەك ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. ئەپسۇسكى، دانا ئادەملەرمۇ نادان ئادەملەردەك ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئېلىپ ئاقىل كۈچلۈكلەرنىڭ شەھىرىنى، غۇلىتار ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى.
مەن يەنە رەزىل ئادەملەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىقىۋاتقانلىقىنى، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى رەزىل ئىش قىلغان شۇ شەھەردە ماختاشقا سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەندىن كېيىن ھۆرمەت بىلەن يەرگە كۆمۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر.
دانالىق ئادەمنى شەھەردىكى ئون ئەمەلداردىنمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ.