5 پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغانلار جازالانمايدۇ. دانا ئادەم ھەرقانداق ئىشنىڭ پەيتى ۋە ئۇسۇلىنى بىلىدۇ.
يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئېڭى يېتىلىش جەريانىدا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە كۆنگەندۇر.
لېكىن، پېترۇس بىلەن يۇھاننا: - خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە بويسۇنۇش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار!
- ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.
ئىسساكار قەبىلىسىدىن ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىللارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان 200 باشچى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى.
پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك!
ئىسرائىلىيە بۇتپەرەسلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمۈمگە مەھكۇم بولۇپ، زۇلۇمغا قالىدۇ.
دانا ئادەمنىڭ يۈرىكى توغرا ئىشلارنى قىلىشقا، نادان ئادەمنىڭ يۈرىكى يامان ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ.
پادىشاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈر، چۈنكى سەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەن.
دانا ئادەمنىڭ كۆزلىرى روشەن بولار، نادان ئادەم قاراڭغۇلۇقتا ماڭار. ئەمما ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوخشاش بولۇپ، ھەممە ئادەم بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.
دانالىق تۇرار ئەقىللىقنىڭ كۆز ئالدىدا، ئەقىلسىز خىيالىي قارار تۆت ئەتراپقا.
لېكىن بۇ ئىككى تۇغۇت ئانىسى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغاچقا، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماي، ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدى.
شۇڭا، بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن شۇنى تىلىدۇقكى، سىلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشكەيسىلەر.
كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە، قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە.
ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس، رەزىللەر بەختسىزلىكتىن قۇتۇلالماس.
ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ.