2 پادىشاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈر، چۈنكى سەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەن.
ئەمدى سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭدە تۇرمايسەن؟ نېمىشقا مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئەمەل قىلمايسەن؟ _ دېدى.
سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن.
ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما، پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما.
بارلىق ئەمەلدارلار، باتۇر جەڭچىلەر ۋە پادىشاھ داۋۇتنىڭ باشقا ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى.
پادىشاھ داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە ئىچى ئاغرىدى. چۈنكى ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن دوستلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەنىدى.
ھاۋالە قىلىنغۇچى بۇ ھايۋانلارنى ئېلىۋالمىغانلىقى توغرىسىدا مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن، ھايۋان ئىگىسىمۇ قايتا سۈرۈشتە قىلمىسۇن، ھاۋالە قىلىنغۇچىمۇ تۆلەم تۆلىمىسۇن.