Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 8:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 مەن خۇدا قىلغان بارلىق ئىشلارنى ئويلىدىم. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھېچكىم خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھەقىقىي بىلمەيدىكەن. ئىنسانىيەت ئۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنسىمۇ، لېكىن ھېچكىم چۈشىنەلمەيدىكەن. ھەتتا دانا بىر ئادەم «مەن بىلدىم!» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ھەقىقىي بىلمەيدىكەن.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 8:17
13 Referans Kwoze  

خۇدا ھەممە ئىشنى ئۆز ۋاقتى-سائىتى بويىچە توپتوغرا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ مەڭگۈلۈك ئاڭنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان بولسىمۇ، ئىنسان خۇدانىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە قىلغان ئىشلىرىنى ھېچقاچان چۈشەنمەيدۇ.


ئاھ! خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نېمىدېگەن مول، نېمىدېگەن چوڭقۇر-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ ئۇنىڭ يوللىرىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:


مەن بۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشقاندا بۇلار شۇنچە ئېغىر بىلىندى ماڭا.


ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك خۇدادۇر، ئۇ پۈتۈن جاھاننى ياراتقان، ھېچقاچان چارچاپ، ھېرىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ پاراسىتىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.


ئۇ مۆلچەرلىگۈسىز چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.


شامالنىڭ يۆنىلىشىنى، ئانىنىڭ قورسىقىدا ھامىلىنىڭ قانداق شەكىللىنىشىنى بىلگىلى بولمىغاندەك، ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولماس.


ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە كۆپتۇر مۆجىزىلىرىڭ، بىز ئۈچۈن قىلغان كاتتا ئىلتىپات ۋە پىلانلىرىڭ. سانسىزدۇر بايان قىلسام ئەجىر ۋە مېھنەتلىرىڭ، يوقتۇر سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ.


پەرۋەردىگار ياراتقان مەخلۇقاتلىرىڭ شۇنچە كۆپتۇر. سەن ياراتقان جانلىقلار بىلەن تولغاندۇر زېمىن يۈزى، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھېكمىتىڭنىڭ مېۋىسىدۇر.


ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان پۈتكۈل ئىشلارنى دانالىق بىلەن كۆزىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈردۈم. خۇلاسىلىسەم، خۇدا ئىنسانغا شۇ قەدەر ئېغىر جاپالىق ئىشلارنى يۈكلىگەنىكەن.


خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى ئويلا، ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈزلىيەلەيدۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite