Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 7:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئاسان ئاچچىقلانما، چۈنكى ئاچچىقلىنىش ئەخمەقنىڭ قەلبىدە ماكان قۇرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 7:9
24 Referans Kwoze  

قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن.


مىجەزى ئىتتىك ئادەم ئەخمىقانە ئىش قىلار، بەتنىيەت نەپرەتكە قالار.


ئەۋزەلدۇر سەۋرچان ئادەم باتۇردىن، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش شەھەر ئالغاندىن.


ھىرودىيە شۇ ۋەجىدىن يەھيا پەيغەمبەرگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىدى.


لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن: _ بۇ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن شۇنچە ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ توغرا، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولدۇم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس.


ئۇلار: _ پادىشاھلىقىمىزدىكى ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئونى بىز تەرەپتە. شۇڭا بىزنىڭ پادىشاھ داۋۇتتا سىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ھەققىمىز بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ يەنە كېلىپ، پادىشاھىمىزنى قايتۇرۇپ كېتەيلى دەپ، بىز بىرىنچى بولۇپ ئېيتقان ئەمەسمىدۇق؟ _ دېيىشتى. مۇنازىرە جەريانىدا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرى باشقا ئىسرائىللارنىڭكىگە قارىغاندا كەسكىن بولدى.


ئابسالوم ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان سۆزلەرنى قىلىشنى بىلەلمىدى. چۈنكى ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى.


ئابسالوم ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا: _ ھوشيار بولۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ، سەل كەيپ بولغاندا، مەن: «ئامنوننى ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! قورقماڭلار، بۇنى سىلەرگە مەن بۇيرۇدۇم. دادىل ۋە جەسۇر بولۇڭلار، _ دېدى.


قىز تاشقىرىغا چىقىپ، ئانىسىدىن: - نېمە تەلەپ قىلاي؟ - دەپ سورىدى. - چۆ ۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، - دېدى ئانىسى.


لېكىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناداب داۋۇتقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەممە ئوغۇللىرىمدىن ئايرىلىپتىمەن، دەپ ئويلىمىسىلا. پەقەت ئامنون ئۆلۈپتۇ، خالاس. ئۇ سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كۈندىن باشلاپ، ئابسالوم ئۇنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولۇپ كەلگەنىدى.


كېيىن قابىل ئىنىسى ھابىلغا: _ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى، ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى.


«نېمە ئۈچۈن بۇرۇنقى كۈنلىرىمىز ھازىرقىدىن ياخشى؟» دەپ سورىما، بۇنداق سوئال سوراش دانالىق ئەمەستۇر.


ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن سوتقا ئەرز قىلما، قانداق قىلىسەن مۇبادا يېقىنىڭ سېنى شەرمەندە قىلسا؟


ئى پەرۋەردىگار، ئەمدى جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!


كۈن چىققاندا، خۇدا كۈنچىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقاردى. قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite