4 دانا ئادەملەر ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلايدۇ، نادان ئادەملەر بولسا ھەر ۋاقىت شادلىقنى ئويلايدۇ.
پادىشاھ زىياپەت بەرسە، ئەمەلدارلىرى قاتتىق مەست بولۇشۇپ، رەزىللەر بىلەن تىل بىرىكتۈرىدۇ.
دەل شۇ كۈنى كېچىدە، بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.
ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى ۋارقىراپ كۈلۈشكىدەك مەست قىلىمەن، ئاندىن ئۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، مەڭگۈ ئويغانمايدۇ.
بېشىم پۈتۈنلەي گاڭگىراپ قالدى، قورقۇنچتىن تىترەپ تۇرىمەن. مەن كەچكى شەپەقنى كۈتكەنىدىم. ئەپسۇس، كۆرگىنىم مېنى چۆچۈتۈپ قويدى.
چۈش ۋاقتىدا بەنھاداد ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان 32 بەگ ئۆزلىرىنىڭ چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىپ، مەست بولۇشۇپ ئولتۇرۇشاتتى، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھۇجۇمغا ئاتلاندى.
ئابسالوم ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا: _ ھوشيار بولۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ، سەل كەيپ بولغاندا، مەن: «ئامنوننى ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! قورقماڭلار، بۇنى سىلەرگە مەن بۇيرۇدۇم. دادىل ۋە جەسۇر بولۇڭلار، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىق ئادەم داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئامالەكلەرنىڭ يېنىغا باشلاپ ماڭدى. قاراقچىلار ئەتراپقا تارىلىپ، فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدا زېمىنىدىن قولغا چۈشۈرگەن كاتتا ئولجىلاردىن خۇش بولۇپ، يەپ-ئىچىشىپ، ئولجىلارغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى تەبرىكلىشىۋاتاتتى.
ئابىگال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، نابال ئۆيىدە خۇددى پادىشاھتەك كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ خۇشال ۋەمەست ئىدى. شۇڭا ئابىگال ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى.
سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.
كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە: «خۇشاللىقنى سىناپ باقاي، ئۇنىڭ پايدىسى بارمۇ-يوق، بىلىپ باقاي!» دېدىم. بىلدىمكى، بۇمۇ بىھۇدىلىك ئىكەن.
قايغۇرۇش ئەخمىقانە كۈلكىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى قايغۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى تاۋلايدۇ.
دانالارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاش، نادانلارنىڭ ماختىشىنى ئاڭلاشتىن ياخشىدۇر.