29 مېنىڭ بىردىنبىر بايقىغىنىم شۇ بولدىكى، ئەسلىدە خۇدا ئادەمنى دۇرۇس قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەر ھەر خىل رەزىل يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدىكەن.»
پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»
چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.
تۆۋەندىكىلەر ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: خۇدا ئىنساننى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى.
پاھىشە ئايالدەك بولدى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى، بۇلغىدى ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى.
قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى خۇدانىڭ، شۇ ۋەجىدىن ۋابا كېسەل تارقالدى ئارىسىغا ئۇلارنىڭ.
ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، جاۋاب بەردىڭ ئۇلارغا. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدىڭ دائىما، ئەمما جازالىدىڭ ئۇلارنى توۋا قىلمىغىنىدا.
كىم دانا ئادەمگە ئوخشايدۇ؟ كىم ئىشلارنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ؟ دانالىق ئادەمنىڭ چېھرىنى نۇرلاندۇرۇپ، بىزەڭ چىراينى ئىللىق چىراي قىلىدۇ.
سەن يارىتىلغاندىن تارتىپ تاكى رەزىللىك قىلغىنىڭغا قەدەر توغرا يولدا ماڭغانىدىڭ.