27 ھېكمەت ئىگىسى شۇنداق دەيدۇكى: «مەن يۈز بەرگەن ئىشلارنى قايتا-قايتا مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم.
ھېكمەت ئىگىسى بولغان مەن يېرۇسالېمدا ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى ئىدىم.
مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان ئايال ئۆلۈمدىن قورقۇنچلۇق ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشىق-مۇھەببىتى قىلتاق ۋە تۇزاق، قوللىرى بولسا زەنجىردۇر. خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلار ئۇنداق ئايالدىن يىراق تۇرىدۇ، پەقەت گۇناھكار ئادەملەرلا ئاشۇنداق ئايالنىڭ تۇزىقىغا چۈشىدۇ.
مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىزدەنگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى تاپالمىدىم. بۇنىڭغا مىڭ ئەركەكنىڭ ئىچىدىن بىرى جاۋاب بېرەلىدى، ئەمما مىڭ ئايالنىڭ ئىچىدىن بىرسىمۇ جاۋاب بېرەلمىدى.