ھېكمەتلەر 7:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى25 مەن چۈشىنىشكە پۈتۈن زېھنىمنى بېرىپ، دانالىقنى ئىزدەپ تاپماقچى ۋە بارلىق ئىشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولدۇم. مەن يەنە رەزىللىكنىڭ شۇنچىلىك نادانلىق، ئەخمەقلىقنىڭ شۇنچىلىك تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. Gade chapit la |
ئورنۇڭدىن تۇر! ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنى پاكلا. ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئەتىكى كۈن ئۈچۈن تەييارلاپ، پاكلاڭلار. پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئەي ئىسرائىللار، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تىقىۋالدىڭلار! سىلەر بۇ نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە دۈشمىنىڭلارغا تاقابىل تۇرالمايسىلەر!› دەيدۇ» دە.