22 ئەمەلىيەتتە، سېنىڭمۇ باشقىلارغا كۆپ قېتىم تىل-ئاھانەت قىلغىنىڭ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر.
بىز تىلىمىز بىلەن خۇدائاتىمىزنى مەدھىيىلەيمىز، يەنە شۇ تىلىمىز بىلەن خۇدا ئۆز ئوبرازىغا ئوخشاش قىلىپ ياراتقان ئىنسانلارنى قارغايمىز.
چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ.
پادىشاھ شىمئىغا يەنە: _ ئاتام داۋۇتقا قىلغان يامانلىقىڭ ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلىگە ئايان. شۇڭا پەرۋەردىگار سېنىڭ قىلغان يامانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرىدۇ.
باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭلۈڭگە ئالما، بەلكىم مالايلارنىڭمۇ تىل-ئاھانىتىگە قېلىشىڭ مۇمكىن.
مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن كۆزەتتىم. مەن ئۆزۈمگە: «مەن دانا بولاي!» دېدىم، لېكىن مەقسىتىمگە يېتەلمىدىم.