21 باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭلۈڭگە ئالما، بەلكىم مالايلارنىڭمۇ تىل-ئاھانىتىگە قېلىشىڭ مۇمكىن.
قۇلنى يامانلىما خوجايىنىغا، قارغىۋېتەر قۇل سېنى، ئەيىبكار بولارسەن بولمىسا.
بۇلار كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردۇر. بۇلار ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنى ئالداپ، خاتا ھۆكۈم چىقارغۇزغۇچىلاردۇر. يالغان سۆزلەپ، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلغۇچىلاردۇر.
پادىشاھ داۋۇت: _ ھەي زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ ئىشىم بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنى مېنى قاغاشقا ئەۋەتكەن بولسا، ئۇنى توسقۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ _ دېدى.
_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، يېرۇسالېمدىن چىققان كۈنى ئۆتكۈزگەن گۇناھىمدىن ئۆتكەيلا، گۇناھىمنى ئەسلىرىدە ساقلىمىغايلا، ئۇنتۇپ كەتكەيلا.
ئەمەلىيەتتە، سېنىڭمۇ باشقىلارغا كۆپ قېتىم تىل-ئاھانەت قىلغىنىڭ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر.
لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر: _ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى.