19 دانالىق ئادەمنى شەھەردىكى ئون ئەمەلداردىنمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ.
ئېلىپ ئاقىل كۈچلۈكلەرنىڭ شەھىرىنى، غۇلىتار ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى.
ئاقىل كۈچلۈكتىن قۇدرەتلىك بولار، بىلىملىك ئادەم ئۆز قۇدرىتىنى ئاشۇرار.
ئىگىسىمەن نەسىھەت ۋە ھېكمەتنىڭ، ئەقىل ھەم كۈچ-قۇدرەتنىڭ.
نادان، مەسلىھەتكە قۇلاق سالمايدىغان قېرى پادىشاھتىن، نامرات، لېكىن دانا يىگىت ياخشىدۇر.
دانالىق ئادەمنى خۇددى پۇل قوغدىغاندەك قوغدايدۇ. دانالىقنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ سەندە بولسا سېنىڭ ھاياتىڭنى ساقلايدۇ.