1 گۈزەل نام-ئاتاق خۇشبۇي مەلھەمدىن ياخشىدۇر، ئۆلۈم كۈنى تۇغۇلغان كۈندىن ياخشىدۇر.
مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «بۇ سۆزنى ياز: ˜بۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلگەنلەر نەقەدەر بەختلىك!Œ» مۇقەددەس روھ: «دۇرۇس، ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئارام ئالىدۇ. چۈنكى، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ» دېدى.
ئەۋزەلدۇر ياخشى نام زور بايلىقتىن، چوڭقۇر ھۆرمەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن.
مەن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى ياشاۋاتقانلاردىن كۆپ بەختلىك ئىكەن، دەپ ئويلىدىم.
ئىشەنچكە ئىگە ئىكەنمىز، ھازىرقى تېنىمىزدىن ۋاز كېچىپ، رەببىمىزنىڭ ماكانىدا بولۇشقا رازىمىز.
بىزگە مەلۇمكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، يەنى تېنىمىزدىن ئايرىلغاندا، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان ئەمەس، بەلكى ئەرشتە خۇدا بىزگە ھازىرلاپ قويغان بىر تۇرالغۇغا، يەنى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان بىر تەنگە ئىگە بولىمىز.
ئەتىرىڭدىن چېچىلار خۇش پۇراقلار، شۆھرىتىڭ پۇراقلىق مايدەك تارقىلار، شۇڭا سېنى سۆيىدۇ قىزلار.
بىر ئۆلۈك چىۋىن خۇش پۇراقلىق مەلھەمنى سېسىتىۋەتكەندەك، قىلغان كىچىككىنە ھاماقەتلىكمۇ ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرىدۇ.
ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى، سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى.
ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن. بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ.
خۇش چىراي كۆڭۈلنى شادلاندۇرار، خۇش خەۋەر ئۇستىخانغا ئەت قوندۇرار.
ئۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارە قىلمايتتى، ھارغانلار خاتىرجەم ئارام ئالاتتى.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى. شەيتان ئاللىبۇرۇن سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تۇتۇپ بېرىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.
ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر، ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ، ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا، تامغانىدى ياقىلىرىغا.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ ھايات ۋاقتىدا خۇدا ۋەدە قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئېرىشكىنى يوق.
ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئېتىقاد بىلەن خۇدانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.
لېكىن، سىلەر جىنلارنىڭ بويسۇنغانلىقى بىلەنلا خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، بەلكى خۇدانىڭ نامىڭلارنى ئەرشتىكى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈشى بىلەن خۇشال بولۇڭلار، - دېدى.
ئى قېرىندىشىم، نەقەدەر شېرىن مۇھەببىتىڭ، ئى مەھبۇبەم، شارابتىنمۇ شېرىندۇر شۇنچە. ھېچبىر خۇشبۇي پۇرىماس سەن ئىشلەتكەن ئەتىرچە.
بىر ئىشنىڭ ئاخىرلىشىشى، بىر ئىشنىڭ باشلىنىشىدىن ياخشى. سەۋرچان بولۇش، مەغرۇرلۇقتىن ياخشى.
ئى پەرۋەردىگار، ئەمدى جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!
رۇت ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياتتى. لېكىن تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى، چۈنكى بوئاز ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.
بولمىسا، بۇنى ئاڭلىغۇچى قالدۇرار سېنى ئۇياتقا، قۇتۇلالمايسەن سېسىق نامدىن شۇ چاغدا.