9 ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇش يوق نەرسىلەرگە ئىنتىلىشتىن ياخشىدۇر. بۇنداق ئىنتىلىش خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.
ئىنساننىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
ئەگەر پۇتۇم ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ، كۆزلىرىم يامانلىققا ئىنتىلىپ، قوللىرىم جىنايەت بىلەن بۇلغانغان بولسا،
ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشلىرىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
خۇدا بەزى ئادەملەرنى بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇلار كۆڭلى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارغا بۇ نەرسىلەردىن بەھرىلىنىش ئىمكانى بەرمەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن ياتلار بەھرىلىنىدۇ. مانا بۇ بىھۇدىلىكتۇر، بۇ ئازابلىق بىر ئىشتۇر.
مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئەڭ ياخشى ئىش، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى خۇدا بەرگەن چەكلىك ھاياتىدا، يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئىكەن. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر.
مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.
ئەمما كېيىن بىلسەم، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلەپ تارتقان بارلىق جاپالىرىم بىھۇدە ئىكەن، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئادەم ھېچقانداق پايدا تاپالمايدىكەن.
«بىھۇدىدۇر، بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.
ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.
مەن يەنە كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى، نادانلىق ۋە ئەخمەقلىقنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. ئاخىرى شۇنى بىلدىمكى، بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.