Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 6:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئىنساننىڭ جاپالىق ئىشلىشى قورساق ئۈچۈندۇر، لېكىن ئىنسان مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 6:7
11 Referans Kwoze  

بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.


ئەمگەكچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى تۇتار ئەمگەككە، ئاچ قارنى مەجبۇرلار ئىشلەشكە.


شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. ھاياتلىق يېمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟


ئۇ يەنە ئۆز-ئۆزىگە: «ۋاي-ۋۇي، سەن نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم! كۆپ يىل يەتكۈدەك مال-مۈلكۈڭ بار. يەپ-ئىچىپ، تۇرمۇشۇڭنى خۇشال-خۇرام، راھەت ئۆتكۈزمەمسەن؟!» دەپتۇ.


بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر.


پۇلنى ياخشى كۆرىدىغانلار ھېچقاچان پۇل بىلەنلا قانائەت قىلمايدۇ، بايلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلارمۇ ھېچقاچان شۇنچە بايلىقىدىن رازى بولمايدۇ، بۇ بىھۇدىلىكتۇر.


دانا ئادەمنىڭ نادان ئادەمگە قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ نامرات ئادەم بۇ دۇنيادا توغرا ياشاشنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭغا بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟


ھەممە ئىش ئىنساننى چارچىتار، بۇنى تەسۋىرلەشكە سۆزلەر ئاجىزلىق قىلار. ئىنساننىڭ كۆزلىرى كۆرگەنگە تويماس، قۇلاقلىرى ئاڭلىغانغا قانائەت قىلماس.


ھەممە ئادەم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدۇ، ھەتتا پادىشاھمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite