4 چۈنكى ھامىلە بۇ دۇنياغا بىھۇدە كېلىپ، كۆز ئاچماي تۇرۇپلا جىمجىت كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ نامىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ.
قۇرۇتۇلۇپ ئۇنىڭ نەسلى، قالمىسۇن كېيىنكى ئەۋلادلىرى.
بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر.
گەرچە ھامىلە قۇياش نۇرىنى كۆرمىگەن ھەم ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى مىڭ يىل ياشاپ، ھاياتنىڭ خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنالمىغان باي ئادەمدىن ئۇ خاتىرجەمرەكتۇر. ھەر ئىككىلىسى يەنىلا ئوخشاش بىر يەرگە بارىدۇ ئەمەسمۇ!