Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 6:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 6:3
23 Referans Kwoze  

نېمىشقا بويىدىن ئاجراپ كەتكەن، تېخى قۇياش نۇرىنى كۆرمىگەن ھامىلىدەك يوقالمىغاندىمەن؟


ئۇ خۇددى ئېشەككە ئوخشاش ئۆلۈكى قەبرىسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىلىپ، تاشلىۋېتىلىدۇ.


ئەمما بۇ ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېخى تۇغۇلمىغانلار تېخىمۇ بەختلىكتۇر، چۈنكى ئۇلار قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنى كۆرمەيدۇ.


ئۇلار جەسەتنى كۆمۈشكە باردى، لېكىن ئۇنىڭ بېشى ۋە پۇت-قوللىرىدىن باشقا ھېچ يېرىنى تاپالمىدى.


ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ دۇنيادا 130 يىل ياشىدىم، ھاياتىم مۇساپىرچىلىق ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتتى. مەن تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېشىغا يەتمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.


ئىنسانئوغلى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسىچۇ كاشكى! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


شۇڭا مەن پەرۋەردىگار يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان سەن يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: سېنىڭ داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ھېچقانداق ئەۋلادىڭ بولمايدۇ. سېنىڭ جەسىتىڭ دالاغا تاشلىنىپ، كۈندۈزى ئاپتاپتا، كېچىدە سوغۇقتا قالىدۇ.


سۆڭەكلىرى بۇرۇن ئۆزلىرى سۆيۈپ، چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىبادەت قىلغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ئاستىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. بۇلار ھەرگىزمۇ قايتا يىغىلىپ كۆمۈلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.


تاجىدۇر نەۋرىلەر مويسىپىتلارنىڭ، پەخرىدۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ.


ئارىمىزدىن يوقالسۇن ئۇلار خۇددى قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ يوقالغاندەك، كۈن كۆرمىسۇن ئۇلار ئايالنىڭ بويىدىن چۈشۈپ كەتكەن بوۋاقتەك.


شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.


ھامون ئۇلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز بايلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدە پو ئاتتى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى قانداق ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئالىي ئەمەلدارلار بىلەن بەگلەردىن يۇقىرى قىلغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى.


رىخوبئامنىڭ جەمئىي 18 ئايالى، 60 توقىلى، 28 ئوغلى، 60 قىزى بار ئىدى. رىخوبئام ئاياللىرى ۋە توقاللىرىنىڭ ئىچىدە مائاكانى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى.


پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەدە پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.


پادىشاھ ئاخابنىڭ سامارىيە شەھىرىدە يەتمىش ئوغلى بار ئىدى. يېھۇ سامارىيە شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان يىزرىئەل شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا، ئاقساقاللىرىغا ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ:


ئەساۋ ئەتراپىغا قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: _ يېنىڭدىكى بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ياقۇپ: _ خۇدا كەمىنىلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، بۇ بالىلارنى ئاتا قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.


چۈنكى ھامىلە بۇ دۇنياغا بىھۇدە كېلىپ، كۆز ئاچماي تۇرۇپلا جىمجىت كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ نامىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ.


نېمىشقا تۇغۇلۇشتا ئۆلۈپ قالمىغاندىمەن؟ نېمىشقا تۇغۇلۇۋاتقاندا تۇنجۇقۇپ قالمىغاندىمەن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite