Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 6:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 خۇدا بەزى ئادەملەرنى بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇلار كۆڭلى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارغا بۇ نەرسىلەردىن بەھرىلىنىش ئىمكانى بەرمەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن ياتلار بەھرىلىنىدۇ. مانا بۇ بىھۇدىلىكتۇر، بۇ ئازابلىق بىر ئىشتۇر.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 6:2
24 Referans Kwoze  

خۇدا بىر ئادەمگە بايلىق ۋە مۈلۈك بېرىپ، يەنە ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا ئىمكانىيەت بەرسە، شۇنداقلا ئۇ ئادەم ئۆزى جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ، خۇشاللىققا چۆمسە، مانا بۇ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىدۇر.


ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇ پانىي دۇنيادىكى رەزىللەردىن. پەقەت مۇشۇ دۇنيادىدۇر ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى، نېمەتلىرىڭ بىلەن تويار ئۇلارنىڭ قورسىقى. پەرزەنتلىرى بىلەن قانائەت تاپار كۆڭۈللىرى، بالىلىرىغا قالدۇرار ئۇلار مال-مۈلكىنى.


كۆزلىرى سېمىزلىكتىن تومپىيىپ چىققان، قەلبىگە ئەخمىقانە نىيەتلىرى تولۇپ تاشقان.


ساڭا يەنە سەن مەندىن تىلىمىگەن بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنىمۇ بېرىمەن. ئۆمرۈڭدە ساڭا تەڭ كېلىدىغان ھېچقانداق پادىشاھ بولمايدۇ.


ياتلارغا تاپشۇردۇڭ ئۆزۈڭ بەرگەن زېمىنىمىزنى، يات خەلقلەرگە بەردىڭ ئۆيىمىزنى.


سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.


يات خەلقلەر ئۇلارنىڭ كۈچىنى قۇرۇتتى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز. چاچلىرى ئاقارسىمۇ، يەنىلا بۇنى ھېس قىلمايدۇ.


پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلۇغ خۇدا بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەرنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنى بەرگەنىدى.


ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كېتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئازابلايدىغان بىر ئىشتۇر. شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىھۇدە ئەجىر قىلىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟


ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر.


مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


خۇدا سۇلايمانغا: _ سەن مەندىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن بايلىق، مال-دۇنيا، شان-شەرەپ، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، پەقەت خەلقىمنى، يەنى سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭغا تاپشۇرغان خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە بىلىم تەلەپ قىلغانىكەنسەن،


داۋۇت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. ئۇ باي-باياشاتلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى.


پەرۋەردىگار سۇلايماننى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا شۇ قەدەر شۆھرەتكە ئىگە قىلدىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق بىر پادىشاھى بۇنداق شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ باقمىغانىدى.


سىلەر ئۇ يەرگە بارساڭلار خاتىرجەم، تۇرمۇشى پاراۋان ياشاۋاتقان خەلقنى كۆرىسىلەر. خۇدا بىزگە بىپايان، مۇنبەت بولغان بۇ زېمىننى بېرىدۇ! _ دېدى ئۇلار.


ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر كۈندىن-كۈنگە گۈللىنىدۇ، سىلەر كۈندىن-كۈنگە خارابلىشىسىلەر.


سىلەر تونۇمايدىغان بىر ئەل ئېتىزىڭلاردىن چىققان ھوسۇلۇڭلارنى، ئەمگەك قىلىپ ئېرىشكىنىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ. سىلەر ھەمىشە ئېزىلىسىلەر، بوزەك قىلىنىسىلەر.


مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا كۆرگەن ئەڭ ئازابلىق ئىشلارنىڭ بىرى بەزىلەرنىڭ توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىشىدۇر.


نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.


مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئەڭ ياخشى ئىش، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى خۇدا بەرگەن چەكلىك ھاياتىدا، يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئىكەن. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite