9 ھەممە ئادەم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدۇ، ھەتتا پادىشاھمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق بولار. قۇرۇق خىيال سۈرگەن تولىمۇ يوقسۇللۇققا قالار.
يوقسۇلنىڭ بوز يېرى تېرىلىشى بىلەن مول ھوسۇل بېرەر، بىراق ئادالەتسىزلىك تۈپەيلىدىن تارتىۋېلىنار.
ئاسمانلار تەئەللۇقتۇر پەرۋەردىگارغا، زېمىننى ئۇ بەرگەن ئىنسانلارغا.
ئەگەر سەن بىر جايدا نامراتلارنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلاردىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى كۆرسەڭ، ھەيران قالما، چۈنكى ھەربىر ئەمەلدار ئۈستىدە ئۇنى قوغدايدىغان ئۇنىڭدىن چوڭ ئەمەلدار، بۇ ئەمەلدارنىڭ ئۈستىدە يەنە ئۇلاردىنمۇ چوڭ قوغدىغۇچى ئەمەلدار بولىدۇ.
پۇلنى ياخشى كۆرىدىغانلار ھېچقاچان پۇل بىلەنلا قانائەت قىلمايدۇ، بايلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلارمۇ ھېچقاچان شۇنچە بايلىقىدىن رازى بولمايدۇ، بۇ بىھۇدىلىكتۇر.
ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر.
ئىنساننىڭ جاپالىق ئىشلىشى قورساق ئۈچۈندۇر، لېكىن ئىنسان مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدۇ.