Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 5:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەگەر سەن بىر جايدا نامراتلارنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلاردىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى كۆرسەڭ، ھەيران قالما، چۈنكى ھەربىر ئەمەلدار ئۈستىدە ئۇنى قوغدايدىغان ئۇنىڭدىن چوڭ ئەمەلدار، بۇ ئەمەلدارنىڭ ئۈستىدە يەنە ئۇلاردىنمۇ چوڭ قوغدىغۇچى ئەمەلدار بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 5:8
60 Referans Kwoze  

مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم. لېكىن ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرەلمەيدىكەن، ئەزگۈچىلەر قۇدرەتلىك بولغاچقا ھېچكىم ئېزىلگۈچىلەرگە تەسەللى بېرەلمەيدىكەن.


«مەن باراي» دەيدۇ خۇدا: «زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر، نالە قىلغاچ مىسكىنلەر، يەتكۈزەي ئۇلارنى تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»


مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، مەيلى سوت ئۈستىدە بولسۇن ياكى ئادالەت ھۆكۈم سۈرگەن جايدا بولسۇن، رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆردۈم.


خۇدا باش بولۇپ ئولتۇرۇپ ئەرشتىكى مەجلىستە، دەيدۇ مۇنداق ھۆكۈمدارلارغا:


چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.


ھىرود خۇداغا تەئەللۇق شان-شەرەپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرىشتىسى شۇئان ئۇنى ئۇردى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتلاپ ئۆلدى.


ساڭا كەلسەك، ئەي بالام، سەنمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى، دەپ ئاتىلىسەن. رەببىمىزنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ھازىرلىغۇچى بولىسەن.


- خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.


ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم، دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ.


شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار ھازىر ئامان قالغان خەلقىمگە مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئىمكانسىز ئەمەستۇر! بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


خەلقىمنىڭ قىز-ئاياللىرىنى بەختلىك ئائىلىلىرىدىن قوغلىدىڭلار. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئۇلارغا ئاتا قىلغان بەختىمنى مەڭگۈلۈك تارتىپ ئالدىڭلار.


ئات قىيا تاشلار ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئۆكۈز دېڭىزنى يەردەك ئاغدۇرالامدۇ؟ لېكىن سىلەر شۇنداق قىلىپ، ئادالەتنى زەھەرگە ئايلاندۇردۇڭلار، ھەققانىيەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى قىرتاق قىلدىڭلار.


قىلمىشىڭلارنىڭ كۆپلۈكىنى، گۇناھىڭلارنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلىمەن. سىلەر بىگۇناھلارغا زۇلۇم قىلىپ، پارا ئالىسىلەر، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا نامراتلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىسىلەر.


ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.


ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.


پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمنى جازالاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى ئۇنىڭ ماختانچاقلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن جازالايدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئىسرائىل خەلقىدۇر، يەھۇدىيە پۇقراسى ئۇنىڭ خۇشتار بولغان ئۆسۈملۈكىدۇر. ئۇ ئادالەتنى ئارزۇ قىلغانىدى، بىراق قان تۆكۆلۈشنى كۆردى، ئۇ ھەققانىيلىقنى كۈتكەنىدى، بىراق نالە-پەريادنى ئاڭلىدى.


سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،


چۈنكى خۇدا _ ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ بىر بۈيۈك پادىشاھ، بارلىق «ئىلاھلار»دىن ئۈستۈندۇر.


ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار.


ئى ئىگەم، بىسەرەمجان قىلىپ ياۋلىرىمنى، بۆلىۋەتكىن بىرقانچىغا تىللىرىنى. چۈنكى كۆردۈممەن شەھىرىمىزدە زوراۋاننىڭ ھەرىكىتى ۋە جېدىلىنى.


شۇڭا، قېرىنداشلار، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلسا، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىڭلاردا، ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران بولماڭلار.


ئاھ! خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نېمىدېگەن مول، نېمىدېگەن چوڭقۇر-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ ئۇنىڭ يوللىرىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:


قالار موھتاجلىقتا پەقەت، بايلىق ئۈچۈن يوقسۇلنى ئەزگۈچى، بايلارغا ھەم سوۋغات بەرگۈچى.


گەر«بىلمەپتىمەن» دەپ قاچۇرساڭ ئۆزۈڭنى، ئىنسان كۆڭلىنى دەڭسىگۈچى كۆرۈپ تۇرماسمۇ بۇنى؟ ھاياتىڭنى قوغدىغۇچى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرماسمۇ؟


ھەممە ئادەم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدۇ، ھەتتا پادىشاھمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.


قاقتى-سوقتى قىلىش دانالارنى نادان قىلىدۇ، پارا ئېلىش ئادەمنىڭ قەلبىنى بۇزىدۇ.


مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى كۆردۈم ھەم بۇ ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندىم. بەزىدە بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىكەن.


لېكىن ئۇنىڭ ئاتىسىغا كەلسەك، ئۇ باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلغان، ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان ۋە نۇرغۇن ھەقسىزلىقلارنى قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ.


ئۇ يەنە دالالارغا كۆزىتىش مۇنارلىرىنى ياساتتى. سۇ ساقلاش ئۈچۈن يەر ئاستىغا نۇرغۇن سۇ ئامبارلىرىنى قازدۇردى، چۈنكى غەربىي ئېدىرلىقتا ۋە تۈزلەڭلىكتە ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋىلىرى بار ئىدى. ئۇ دېھقانلارنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ، تاغلىق رايونلاردا ۋە مۇنبەت يەرلەردە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا سالدى. ئۇ دېھقانچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى.


خۇدا ئۇلارنى بىر مەزگىل خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite