6 ئاغزىڭدىن گۇناھقا قالما، خۇدانىڭ روھانىيلىرىغا ئورۇنسىز ۋەدە بەرمە. شۇنداق قىلساڭ، خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغايسەن. نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭ بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭنى يوققا چىقارغۇدەكسەن؟!
ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر.
خۇدا يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى يوقىتىپ قويماي، خۇدانىڭ تولۇق ئىنئامىغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار.
ھەممىمىز كۆپ خاتالىشىمىز. ھالبۇكى، تىلدا خاتالاشمىغان كىشى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەپ، پىشىپ يېتىلگەن كىشى بولىدۇ
روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋەردىگارغا ئالاقىدار ھەقىقىي بىلىمنى ئۆگىتىشتۇر. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر.
مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي. مېنىڭ نامىم ۋە ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي. ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.»
شۇنداق قىلىپ، روھانىيلار پۈتۈن جامائەتنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ، ئۇلار كەچۈرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ گۇناھ بىلمەسلىكتىن بولغان ھەمدە ئۇلار ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۇنغان.
شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.
خۇدانىڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، سەن بۇ سۆزلىرىمگە قەتئىي ئەمەل قىل. ئايرىمىچىلىق قىلما، ھەرقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسما.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتىش ياكى ئارتماسلىق ھوقۇقى بار بولسىمۇ، بۇنى مۇۋاپىق ئىشلەتسۇن. بۇ ھەم پەرىشتىلەر ئۈچۈندۇر.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن:
ئەگەر يېتەكچىلەردىن بىرى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
گۇناھكارلارغا ھەسەت قىلما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەن دائىما.
مەن شۇنى بىلدىمكى، خۇدا قىلغان ھەرقانداق بىر ئىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئازايتىپ ياكى كۆپەيتەلمەيدۇ. خۇدا بۇ ئىشلارنى ئادەملەر مەندىن ئەيمەنسۇن، دەپ قىلغاندۇر.
دانالارنىڭ تىلى ئۆزلىرىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، نادانلارنىڭ تىلى ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ.