2 خۇدانىڭ ئالدىدا يېنىكلىك قىلما، ئالدىراپ ۋەدە بەرمە. چۈنكى خۇدا ئاسماندا، سەن يەردە. شۇڭا سۆزۈڭنىڭ ئاز بولغىنى ياخشى.
دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەسلەردەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. ئۇلار گەپنى تەكرارلاۋەرسەك خۇدا تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىسا كېرەك.
گۇناھتىن خالىي بولماس كۆپ سۆزلەيدىغان، دانادۇر تىلىنى تارتقان.
ئاسمان يەردىن شۇنچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مېنىڭ يولۇممۇ، مېنىڭ ئوي-پىكىرلىرىممۇ، سىلەرنىڭكىدىن شۇنچە يۇقىرىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.
كۆپ خام خىيال قىلىش، كۆپ سۆزلەش بىھۇدىلىكتۇر، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇدادىن ئەيمەن.
ئىبراھىم يەنە مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم! سۆزۈمنى باشلىغانىكەنمەن، داۋاملاشتۇراي. ئېغىر كۆرمىسەڭ، مەندەك بىر ئاجىز بەندەڭنىڭ يۈرەكلىك ھالدا سەندىن يەنە سوئال سورىشىغا رۇخسەت قىلغايسەن!
ھەممىمىز كۆپ خاتالىشىمىز. ھالبۇكى، تىلدا خاتالاشمىغان كىشى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەپ، پىشىپ يېتىلگەن كىشى بولىدۇ
ئادەمدە تەشۋىش كۆپ بولسا، يامان چۈشمۇ كۆپ بولىدۇ، سۆز كۆپ بولسا، نادانلىق ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.
يېنىكلىك بىلەن «خۇداغا ئاتىغان ھەدىيە» دەپ ۋەدە بېرىپ، ئاندىن ئارىسالدا بولغان كىشى ئۆزى قىلتاققا كېتەر چۈشۈپ.
ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئاتا قىلىپ،
بىزنىڭ خۇدايىمىز ئەرشئەلادا تۇرار، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇ ئىشنى قىلار.
ئەڭ ئاخىرىدا ئىبراھىم: _ ئى ئىگەم، خاپا بولما، سەندىن يەنە بىر قېتىم سوئال سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن. ئەگەر پەقەت 10 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى. _ پەقەت 10 ھەققانىي ئادەم بولسا، بۇ شەھەرنى يەنىلا خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار.
ئىبراھىم يەنە: _ ئى ئىگەم، خاپا بولما، سەندىن يەنە سوئال سوراي. مۇبادا 30 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى. _ ئەگەر 30 ئادەم بولسا، خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار.
ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر ئاممونلارنى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ،
ئارقىدىنلا ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، ھەتتا خانلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسىڭىزمۇ مەرھەمەت، - دېدى.
مەن خاتىرە تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولىدۇ. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا ئاتايمەن، _ دېدى.
ئەگەر بىرسى مەيلى ياخشى نىيەتتىن، مەيلى يامان نىيەتتىن بولسۇن، ئويلانمايلا قەسەم قىلغان بولسا ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ئويلانمايلا قەسەم قىلغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.
دانالارنىڭ تىلى ئۆزلىرىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، نادانلارنىڭ تىلى ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ.
نادانلارنىڭ سۆزى نادانلىق بىلەن باشلىنىپ، رەزىللىك ۋە تەلۋىلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.