16 ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كېتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئازابلايدىغان بىر ئىشتۇر. شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىھۇدە ئەجىر قىلىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
ئىنسان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان جاپالىق ئىشلىرىدىن ئۆزىگە نېمە پايدا تاپار؟
مىراس ئالالماس ئۆيىدىكىلەرگە كۈلپەت كەلتۈرگۈچى، دانانىڭ چاكىرى بولۇپ قالار ئەقىلسىز كىشى.
بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.
بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!
ئىسرائىلىيەلىكلەر شامال تېرىپ، بوراندىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى دان تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن چىقمايدۇ. ھوسۇل ئالغان تەقدىردىمۇ، ھوسۇلىنى يات خەلقلەر يەيدۇ.
روھانىيلار ماڭا ئىنتىلمىدى، قانۇنلىرىمنى ئۆگىتىدىغانلار مېنى ھەقىقىي تونۇمىدى، يېتەكچىلەر ماڭا قارشى چىقتى. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇت بائالنىڭ نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.
بىز تولغاق ئازابىدىكى ھامىلىدار ئايالغا ئوخشاپ قالدۇق، لېكىن بىزدىن تۇغۇلغىنى يوقلۇق بولدى. بىز دۇنيانى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرەلمەيمىز. قولىمىزدىن ھېچبىر ئىش كەلمەيدۇ.
مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا كۆرگەن ئەڭ ئازابلىق ئىشلارنىڭ بىرى بەزىلەرنىڭ توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىشىدۇر.
پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈمەڭلار، بۇتلارغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوقتۇر، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇلار كېرەكسىز نەرسىلەردۇر.
ئەمما كېيىن بىلسەم، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلەپ تارتقان بارلىق جاپالىرىم بىھۇدە ئىكەن، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئادەم ھېچقانداق پايدا تاپالمايدىكەن.
ئىنسان جاپالىق ئىشلەپ نېمە پايدا تاپار؟