15 ئۇلار ئانىدىن قانداق تۇغۇلغان بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ. بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ تاپقان بايلىقلىرىنىڭ بىر تىللاسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ.
ھېچنېمىسىنى ئېلىپ كېتەلمەس ئۇ ئۆلگەندە، بىللە بولماس مال ۋە مۈلكى قەبرىسىدە.
«مەن بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن، يەنە يالىڭاچ كېتىمەن. پەرۋەردىگار ئۆزى بەرگەننى ئۆزى ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمدۇسانا بولغاي!»
بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق ۋە بۇ دۇنيادىن ھېچنېمە ئېلىپ كېتەلمەيمىز.
لېكىن، خۇدا ئۇنىڭغا:«ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا ئامانەتنى تاپشۇرىسەن، ئۇنداقتا توپلىغان بارلىق بايلىقىڭ ئەمدى كىمگە قالار؟» دەپتۇ.
ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، توپلىغان بايلىقلىرى يوقىلىپ، ئاخىردا بالىلىرىغا مىراس قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى قالمايدۇ.
«ئەقىللىق ئادەم مۇنداق ھېكمەتسىز سۆزلەرنى قىلامدۇ؟ بۇ شامال بىلەن قورساق تويدۇرغاندەك ئىش ئەمەسمۇ؟
پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى ئەيىبلەيدۇ، ياقۇپنى تۇتقان يولىغا لايىق، قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جازالايدۇ.