14 ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، توپلىغان بايلىقلىرى يوقىلىپ، ئاخىردا بالىلىرىغا مىراس قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى قالمايدۇ.
سىلەر مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىڭلار، بىراق ھوسۇلۇڭلار ئاز چىقتى. ھوسۇلۇڭلارنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەلگىنىڭلاردا، مەن يەنە بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام تېخىچە خاراب ھالەتتە تۇرسىمۇ، سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەن بولۇپ كەتتىڭلار.
خۇدا دانالىقنى، بىلىم ۋە خۇشاللىقنى ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئادىمىگە ئاتا قىلىدۇ. لېكىن گۇناھكارلارغا مال-دۇنيا توپلايدىغان جاپالىق ئىش بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى، خۇدا ئۆزىنى خۇشال قىلغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئىشى خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.
كۆزۈڭ بايلىققا چۈشكەندە ئۇ يوقىلار، چۈنكى ئۇ بىردىنلا قانات چىقىرپ، بۈركۈتتەك ئۇچۇپ كېتەر.
سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.
نادانلارنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگەتتى، ھەتتا تىكەنلەر ئارىسىدا ئۆسكەنلىرىمۇ قالمىدى، بايلىقلىرىنى ئاچكۆزلەر يۇتۇۋەتتى.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى.
سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ھايات قالغانلار بىر كۈمۈش تەڭگە ياكى بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇلارغا: ‹ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىرەر روھانىيلىق خىزمىتىنى بەرسىڭىز، يېمەك-ئىچمىكىم ھەل بولسۇن› دەپ يالۋۇرۇپ، تەزىم قىلىدۇ.»
مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا كۆرگەن ئەڭ ئازابلىق ئىشلارنىڭ بىرى بەزىلەرنىڭ توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىشىدۇر.
ئۇلار ئانىدىن قانداق تۇغۇلغان بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ. بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ تاپقان بايلىقلىرىنىڭ بىر تىللاسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ.
«مەن بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن، يەنە يالىڭاچ كېتىمەن. پەرۋەردىگار ئۆزى بەرگەننى ئۆزى ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمدۇسانا بولغاي!»
بەختلىك ھېس قىلسىمۇ ئۇ ئۆزىنى ھايات چېغىدا، كىشىلەر ماختىسىمۇ ئۇ روناق تاپقىنىدا،