13 مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا كۆرگەن ئەڭ ئازابلىق ئىشلارنىڭ بىرى بەزىلەرنىڭ توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىشىدۇر.
شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر بۇ شەھەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خاراب قىلماقچى، _ دېدى. لېكىن ئۇلار لۇتنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن.
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.
مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى كۆردۈم ھەم بۇ ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندىم. بەزىدە بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىكەن.
ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر.
مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس خۇدا غەزەپكە كەلگەن كۈنى، ھەققانىيلىق بولسا ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار ئادەمنى.
بەرھەق، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ نادانلار مېنى رەت قىلغانلىقتىن، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ ھاماقەتلەر بىغەملىكىدىن.
ھارام مال-دۇنياغا ھېرىس ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئالىدۇ بۇ ھارام مال-دۇنيا ئۇلارنىڭ جېنىنى.
زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەببىمىز ئەيساغا: - يا رەببىم، مەن مال-مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىمەن. ئەگەر مەن بىرەر كىشىنى ئالداپ ھەققىنى يەۋالغان بولسام، ئۇنىڭغا تۆت ھەسسە قاتلاپ قايتۇرىمەن، - دېدى.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى، غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.
شۇ چاغدا لۇتنىڭ ئايالى كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، ئۇ شۇ تۇرقىدا قېتىپ، تاشتۇزغا ئايلىنىپ قالدى.
ئۇ ئىنتايىن ئاچ كۆز ئىدى، ئۇنىڭ بايلىقى ئۇنى قۇتقۇزالمىدى.
ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، توپلىغان بايلىقلىرى يوقىلىپ، ئاخىردا بالىلىرىغا مىراس قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى قالمايدۇ.
باي بولىمەن دەپ ئۇپراتما ئۆزۈڭنى، ئەقىللىقلىق بىلەن تاشلا بۇ ئويۇڭنى.
چۈنكى بايلىق مەڭگۈلۈك بولماس، قالماس تاجمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس.