12 مېھنەتكەش مەيلى كۆپ يېسۇن ياكى ئاز يېسۇن بەرىبىر خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. باي بولسا، بايلىقىدىن ئەنسىرەپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ.
ياتقاندا ھېچنېمىدىن قورقمايسەن، يېتىپلا تاتلىق ئۇخلايسەن.
بۇ ۋاقىتتا مەن يەرەمىيا ئويغىنىپ، ئەتراپقا قارىدىم. ناھايىتى شېرىن ئۇخلىغانىدىم.
بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار.
ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان، چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن.