11 بايلىق كۆپەيسە ئۇنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ بايلىقنىڭ ئىگىسىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، پەقەتلا كۆرۈنۈشتە باي كۆرۈنىدۇ.
چۈنكى، بۇ دۇنيادىكى ئىشلار، يەنى جىسمانىي ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك ۋە مەغرۇرلۇققا ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن كەلگەن ئەمەس.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلار توپلىغان بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى، ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ، ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟
كۆزۈڭ بايلىققا چۈشكەندە ئۇ يوقىلار، چۈنكى ئۇ بىردىنلا قانات چىقىرپ، بۈركۈتتەك ئۇچۇپ كېتەر.
ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇش يوق نەرسىلەرگە ئىنتىلىشتىن ياخشىدۇر. بۇنداق ئىنتىلىش خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.
ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشلىرىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ئىبرام باي بولۇپ، نۇرغۇن مال-ۋارانلىرى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى بار بولدى.
پىرئەۋن ساراھنىڭ سەۋەبىدىن ئىبرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە، قۇل ۋە دېدەكلەرنى سوۋغا قىلدى.
ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۇخۇمدىن تۆرەلگەن كەكلىك ئۇچۇپ كەتكەندەك، كىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن توپلىغان مال-دۇنيالىرى يوقىلىپ كېتىدۇ. ھايات مەزگىلىدە ئۇ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.»
بۈيۈكلۈكتە يېرۇسالېمدا مەندىن بۇرۇن ياشىغان پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ كەتتىم. مەن ھەر دائىم دانالىق بىلەن ئىش قىلدىم.
مېھنەتكەش مەيلى كۆپ يېسۇن ياكى ئاز يېسۇن بەرىبىر خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. باي بولسا، بايلىقىدىن ئەنسىرەپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ.