Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 5:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 سەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگىنىڭدە قەدىمىڭنى ئويلاپ باس، دىققەت بىلەن ئاڭلا. بۇنداق قىلىش نادانلارنىڭ ئويلانماي قىلغان قۇربانلىقىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى نادان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 5:1
28 Referans Kwoze  

قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن.


پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.


يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر، يامان غەرەزدە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر.


خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار، ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.


پەرۋەردىگار قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ئۇنىڭغا: _ سەن دەسسەپ تۇرغان يەر مۇقەددەس يەردۇر، شۇڭا چورۇقۇڭنى سال! _ دېدى. يوشۇۋا ئۇنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.


خۇدا ئۇنىڭغا: _ يېقىن كەلمە، چورۇقلىرىڭنى سال، چۈنكى سەن تۇرۇۋاتقان بۇ يەر مۇقەددەستۇر.


ھەقىقەتنى تونۇپ تۇرۇپ، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق يوقتۇر.


يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار بار ئەمەسمۇ؟ ياكى بۇ يەرگە خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى كۆزگە ئىلماي، يەيدىغان نەرسىسى يوقلارنى خىجىل قىلىشقا جەم بولدۇڭلارمۇ؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى ماختايمۇ؟ ياق، بۇ ئىشتا سىلەرنى ھەرگىز ماختىيالمايمەن!


لېكىن بەزىلەر مەن ئۈچۈن كالا بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئاتاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدۇ، ماڭا قوي قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ سۇنىدۇ، ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇپ، يەنە ھەم بۇتلارغا چوشقا قېنىنى سۇنىدۇ، ماڭا ئىسرىق سېلىپ، يەنە ھەم ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى مەدھىيەلەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ، قەلبىدىكى يىرگىنىشلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ.


ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا كاللىسى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە بەرگەن تەلىمىنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى ئىزدىنىپ ئۆگەندى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىرى تولىمۇ ئوبدان بولدى. ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە دېگەن بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا تەييار تۇرۇپتىمىز.


شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.


ئۇززىيا قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ھاكاۋۇرلىشىپ، ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭدى. بىر كۈنى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىردى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرمەكچى بولدى.


_ ئىسرائىللار تۇچتىن بىر پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ ياساپ، ئۇنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويسۇن ۋە ئىچىگە سۇ تولدۇرسۇن.


«ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىگەنلەرگە رەددىيە بېرىدىغانلار چىقماسمۇ؟ ئەجەبا، جاۋىلداقلىق يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟


خۇدا ئەرىشتە ئەمەسمۇ؟ قارا، يۇلتۇزلار نېمىدېگەن ئېگىزدە-ھە!


گۇناھتىن خالىي بولماس كۆپ سۆزلەيدىغان، دانادۇر تىلىنى تارتقان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite