Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 4:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئىككى ئادەم ھامىنى بىر ئادەمدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ جاپا تارتىپ ئىشلىشىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 4:9
15 Referans Kwoze  

تۆمۈر تۆمۈرنى بىلەيدۇ، ئادەم ئادەمنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.


كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ھەمراھ يارىتاي» دېدى.


ئۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى ۋە خەلق ئارىسىغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى.


بۇ خەلقنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. مەن بۇنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالمىغۇدەكمەن.


خۇددى ھوسۇل يىغقۇچى ھەققىنى ئېلىۋاتقاندەك، بۇ كىشىلەرنى ماڭا ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلارمۇ خۇدادىن تېگىشلىك ئىنئام ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يىغقان ھوسۇلى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن كىشىلەردۇر. شۇنداق قىلىپ، «تېرىقچى» ۋە «ئورمىچى» تەڭ خۇشاللىنىدۇ.


بىر كۈنى ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: - بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن چاقىرغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، - دېدى.


قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى.


پەرۋەردىگار شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنى روھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى.


خۇدا يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى يوقىتىپ قويماي، خۇدانىڭ تولۇق ئىنئامىغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار.


ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر.


ئەگەر بىرى يىقىلسا، ئۇنى ھەمراھى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ. لېكىن بىر ئادەم يىقىلىپ، ئۇنى تۇرغۇزىدىغان ئادەم بولمىسا، ئۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالىدۇ.


يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا ئارراملار مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل، ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite