Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 4:4
19 Referans Kwoze  

شەيتانغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماڭلار! قابىل نېمىشقا ئىنىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ناھەق، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.


ئىنساننىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.


چۈنكى ئادەملەر دانالىقى، بىلىمى ۋە قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، جاپا-مۇشەققەت بىلەن ئېرىشكەن ئەمگەك مېۋىلىرىنى ھېچقانداق مېھنەت سىڭدۈرمىگەن كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەقىقەتەن بىھۇدىلىك ۋە بەختسىزلىكتۇر.


خۇدا دانالىقنى، بىلىم ۋە خۇشاللىقنى ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئادىمىگە ئاتا قىلىدۇ. لېكىن گۇناھكارلارغا مال-دۇنيا توپلايدىغان جاپالىق ئىش بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى، خۇدا ئۆزىنى خۇشال قىلغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئىشى خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.


سۆز قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە بىھۇدە بولىدۇ، بۇنىڭ ئادەم ئۈچۈن نېمە پايدىسى بار؟


ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇش يوق نەرسىلەرگە ئىنتىلىشتىن ياخشىدۇر. بۇنداق ئىنتىلىش خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن كەلگەن كىشىلەردىن ھېچكىم ئۇنىڭ قىلغىنىدىن رازى بولمىدى. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر ئوخشار كەلكۈنگە، بىراق تاقابىل تۇرالار كىممۇ كۈندىشىنىڭ كۈندەشلىكىگە؟


مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان مۇقەددەس روھ بىزنىڭ خۇداغا ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ» دېيىلگەن. سىلەرچە، بۇ قۇرۇق سۆزمۇ؟


كېيىن، ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئىنىسى يۈسۈپتىن ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا بارىدىغان سودىگەرلەرگە قۇل ئورۇندا سېتىۋەتتى. لېكىن، خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچقا،


مەن يەنە كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى، نادانلىق ۋە ئەخمەقلىقنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. ئاخىرى شۇنى بىلدىمكى، بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى ۋە چاكارلىرى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى.


ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: «ياقۇپ ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى بۇلىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقى بىزنىڭ ئاتىمىزنىڭ مال-مۈلكى ئىدى!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite