11 ئىككى ئادەم بىرگە ئۇخلىسا، ئىسسىق ياتىدۇ، يالغۇز ئۇخلىسا، ئۇ قانداقمۇ ئىسسىق ياتسۇن؟
ئەگەر بىرى يىقىلسا، ئۇنى ھەمراھى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ. لېكىن بىر ئادەم يىقىلىپ، ئۇنى تۇرغۇزىدىغان ئادەم بولمىسا، ئۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالىدۇ.
بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز بولسا، ئۇ دۈشمىنىگە بوزەك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىككى ئادەم بىرگە بولسا، دۈشمىنىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۈچ ئۆرۈمدىن ئۆرۈلگەن ئارغامچىنى ئۈزمەك قىيىندۇر.