9 ئىنسان جاپالىق ئىشلەپ نېمە پايدا تاپار؟
ئىنسان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان جاپالىق ئىشلىرىدىن ئۆزىگە نېمە پايدا تاپار؟
ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كېتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئازابلايدىغان بىر ئىشتۇر. شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىھۇدە ئەجىر قىلىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
كېلەر ھەربىر مېھنەتتىن پايدا، قالدۇرار قۇرۇق پاراڭ ئادەمنى موھتاجلىقتا.
بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟!
ئەمما كېيىن بىلسەم، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلەپ تارتقان بارلىق جاپالىرىم بىھۇدە ئىكەن، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئادەم ھېچقانداق پايدا تاپالمايدىكەن.