Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 3:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئىزدەشنىڭ ۋە ۋاز كېچىشنىڭ ۋاقتى بار، ساقلاشنىڭ ۋە تاشلاشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 3:6
22 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ ئەتىسى كېمىدىكى قورال-سايمانلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.


ھەممەيلەن قورساقنى تويدۇرغاندىن كېيىن، كېمىچىلەر كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.


مېنى دەپ ئۆيلىرى، قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇقراققا ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.


مەبلىغىڭنى تاشقا سودىغا سال، ھامىنى بىر كۈنى پايدىغا ئېرىشىسەن.


سېخىيدۇر ئۇلار، يوقسۇللارغا بېرەر سەدىقە، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھەققانىيلىقى ئۇلارنىڭ، قۇدرەت تېپىپ، نائىل بولار ھۆرمىتىگە كىشىلەرنىڭ.


ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇ ئادەم ھارۋىسىدىن سەن بىلەن كۆرۈشكىلى چۈشكەندە، ئەجەبا مېنىڭ روھىم سەن بىلەن بىرگە ئەمەسمۇ؟ ھازىر پۇل، كىيىم-كېچەك، زەيتۇنلۇق، ئۈزۈمزارلىق، قوي، كالا، قۇل ۋە دېدەك قوبۇل قىلىدىغان چاغمۇ؟


شۇنىڭ بىلەن كېمىچىلەر قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ھەركىم ئۆز ئىلاھلىرىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. ئۇلار كېمە يېنىكلىسۇن دەپ، كېمىدىكى ماللارنى دېڭىزغا تاشلاشتى. بۇ ۋاقىتتا يۇنۇس كېمىنىڭ ئاستىنقى بۆلۈمىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى، غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.


خازائېل قىرىق تۆگىگە دەمەشقنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىدىن ئارتىپ، ئېلىشا بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى. ئۇ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغۇللىرى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا: «مەن بۇ كېسەلدىن ساقىيالايمەنمۇ؟» دېگەن سوئالىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، _ دېدى.


ئۇلار ئارراملارنىڭ قوشۇنىنى تاكى ئىئوردان دەرياسىغىچە ئىز قوغلاپ باردى. پۈتۈن يوللار ئارراملار ئالدىراپ قاچقاندا تاشلاپ كەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى.


تاش ئېتىشنىڭ ۋە تاش يىغىشنىڭ ۋاقتى بار، باغرىغا بېسىشنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭمۇ ۋاقتى بار.


يىرتىشنىڭ ۋە تىكىشنىڭ ۋاقتى بار، سۈكۈت قىلىشنىڭ ۋە سۆزلەشنىڭمۇ ۋاقتى بار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite