20 ھەر ئىككىلىسىنىڭ قايتىدىغان جايى ئوخشاش، ھەممىسى تۇپراقتىن ئاپىرىدە بولغان، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ.
باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىر نەرسىگە ئىگە بولىسەن، تاكى سەن ئۆلۈپ تېنىڭ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. تۇپراقتىن يارىتىلدىڭ ۋە تۇپراققا قايتىسەن!»
بارلىق ھاياتلىق بىراقلا ھالاك بولۇپ، ئىنسانلار تۇپراققا قايتقان بولار ئىدى.
ئۇ چاغدا تەن تۇپراققا، روھ ھاياتلىق بەرگەن خۇداغا قايتىدۇ.
قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.
ئادەم روھىنىڭ ئاسمانغا چىقىپ، ھايۋان روھىنىڭ يەرگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟
دەككە-دۈككىگە چۈشەر ئۇلار جامالىڭنى يوشۇرغىنىڭدا، جان ئۈزۈپ قارا يەرگە قايتار، نەپەسلىرىنى توختاتقىنىڭدا.
ئادەم گۆرگە كىرسە، خۇددى تاراپ كەتكەن بۇلۇتتەك، قايتىپ كەلمەيدۇ.
قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ.
پادىچى بولۇپ ئۆلۈم ئۇلارغا، ھەيدەر ئۇلارنى قوي كەبى ئۆلۈكلەر ماكانىغا. جەسەتلىرى چىرىپ كېتەر گۆر ئىچىدە، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىمۇ قالار يىراقتا. ھەققانىيلار غەلىبە كۈنى كەلگەندە ھۆكۈم سۈرەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە.
ئەگەر مەن گۆرنى ئۆيۈم دەپ بىلىپ، قاراڭغۇ لەھەتكە كىرىشنى ئۈمىد قىلسام،
ئاندىن كېيىن سەن خۇددى ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتىسەن.
ئىسمائىل 137 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
دەرۋەقە، بەختسىزلەر قىيىن ئەھۋالدا نالە قىلسا، ھېچكىم ئۇلارغا قول ئۇزارتىپ زىيانكەشلىك قىلمايدۇ.
شۇنداق، ئۇ بىلەر بىزنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىمىزنى، ئېسىگە ئالار ئۇ بىزنىڭ تۇپراق ئىكەنلىكىمىزنى.
بەزمە بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىشتىن ماتەم بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىش ياخشىدۇر. چۈنكى ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىدە باردۇر. ھاياتلار بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقى كېرەك.
بىراق ئىنسان ئۆلسە كۈچ-قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىدۇ، تىنىقى توختاپ غايىب بولىدۇ.
ئادەم ئۆلسە قايتا تىرىلەمدۇ؟ ئەگەر قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسا، مەن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە بولساممۇ، تاكى سەن ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچە كۈتەتتىم.