ھېكمەتلەر 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 تۇغۇلۇشنىڭ ۋە ئۆلۈشنىڭ ۋاقتى بار، تېرىشنىڭ ۋە يۇلۇۋېتىشنىڭمۇ ۋاقتى بار. Gade chapit la |
بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن.
پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: _ ئەي قۇربانلىق سۇپىسى، قۇربانلىق سۇپىسى! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، داۋۇتنىڭ نەسلىدىن يوشىيا ئاتلىق بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ ھازىر سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئىسرىق سېلىۋاتقان بۇتپەرەس روھانىيلارنى قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۆيدۈرىدۇ.»