Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 3:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئادەملەر يەپ-ئىچىشى، جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن مېۋىلىرىدىن راھەتلىنىشى كېرەك، بۇ خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدۇر.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 3:13
14 Referans Kwoze  

بېرىڭلار، خۇشال-خۇرام تامىقىڭلارنى يەپ، شادلىق بىلەن شارابىڭلارنى ئىچىڭلار! چۈنكى بۇلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر.


ئادەم ئۈچۈن يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىق يوقتۇر. بىلدىمكى، بۇمۇ خۇدانىڭ قولى بىلەن بولىدىكەن.


بەرھەق، مېھنىتىڭلارنىڭ مېۋىسىنى يەيسىلەر، روناق تېپىپ، بەختىيار بولىسىلەر.


خۇدا بەزى ئادەملەرنى بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇلار كۆڭلى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارغا بۇ نەرسىلەردىن بەھرىلىنىش ئىمكانى بەرمەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن ياتلار بەھرىلىنىدۇ. مانا بۇ بىھۇدىلىكتۇر، بۇ ئازابلىق بىر ئىشتۇر.


سىلەر ئائىلەڭلار بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىدىغان يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاندۇر.


ئاندىن لاۋىيلار ۋە سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان گۈزەل مەئىشەتلەردىن خۇشاللىنىپ شادلىنىڭلار.


كىمكى ئىستىسە ھاياتتىن زوقلىنىشنى، بەختلىك ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى،


چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى شاراب بىلەن خۇش قىلىپ باقماقچى بولدۇم. ئۆزۈمنى نادان تۇتماقچى بولساممۇ، لېكىن قەلبىم مېنى يەنىلا دانالىققا باشلىدى. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، ئىنسان قىسقا ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم.


شۇڭا مەن ئىنسانلارغا، بۇ دۇنيادا يەپ-ئىچىپ، ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا خۇدا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ھاياتىدا ئۇلار جاپالىق ئىشلىسىمۇ، خۇشاللىق ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite