Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 2:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 سۇ كۆلچەكلىرىنى قازدۇرۇپ، بېغىمدىكى دەل-دەرەخلەرنى سۇغاردىم.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 2:6
7 Referans Kwoze  

ئاندىن مەن بۇلاق دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، شاھ كۆلچىكىگە باردىم. بىراق ئېشىكىم خارابلىقتىن ئۆتەلمىدى.


ئۇلار خۇددى دەريا بويلىرىغا تىكىلىپ، يىلتىزلىرى سۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ دەرەخلەر ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دائىم بۈك-باراقسان تۇرىدۇ. ئۇلار قۇرغاقچىلىقتىن ئەنسىرىمەيدۇ، مېۋە بېرىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ.


بوينۇڭ گويا پىل چىشى مۇنارىدۇر، كۆزلىرىڭ خۇددى باترابىم دەرۋازىسى يېنىدىكى خەشبۇن كۆلچىكىدۇر. قاڭشىرىڭ گويا دەمەشققە قاراپ تۇرغان لىۋان مۇنارىدۇر.


ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا، ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار. سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى، ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.


ئۇنىڭدىن باشقا ئالىيلىرىنىڭ ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئاسافنىڭ ماڭا ياغاچ بېرىشىگە مەكتۇپ پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا. پېقىر بۇ ياغاچلارنى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدىكى قورغاننىڭ دەرۋازىلىرى، شەھەر سېپىلى ۋە خۇسۇسىي ئۆيۈمگە لىم قىلىپ، ئىشلەتكەن بولسام. خۇدايىم ماڭا يار بولغاچقا، پادىشاھ تەلەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بەردى.


كولخوزەنىڭ ئوغلى، يەنى مىزپاھ رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاللۇم بۇلاق دەرۋازىسىنى ۋە دەرۋازا ئۆگزىسىنى رېمونت قىلدى ھەمدە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. ئاندىن ئۇ پادىشاھ گۈللۈكىنىڭ يېنىدىكى شەلاخ كۆلچىكى سېپىلىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە رېمونت قىلدى.


ئازبۇقنىڭ ئوغلى، يەنى بەيتزۇر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى نەخەمىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى داۋۇت پادىشاھ قەبرىستانلىقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جايدىن سۇ ئامبىرى ۋە باھادىرلارنىڭ بارگاھىغىچە رېمونت قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite