Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 2:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى شاراب بىلەن خۇش قىلىپ باقماقچى بولدۇم. ئۆزۈمنى نادان تۇتماقچى بولساممۇ، لېكىن قەلبىم مېنى يەنىلا دانالىققا باشلىدى. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، ئىنسان قىسقا ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 2:3
22 Referans Kwoze  

شاراب مەسخىرىچى، ھاراق جېدەل-ماجىراچى، ئەقىلسىزدۇر ھەربىر ھاراق-شاراب ئىچىپ ئازغۇچى.


مەن يەنە كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى، نادانلىق ۋە ئەخمەقلىقنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. ئاخىرى شۇنى بىلدىمكى، بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


ھاراقتىن مەس بولۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئادەمنى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇڭلار.


ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ.


ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ. كىممۇ قىسقا، بىھۇدە ھاياتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟


ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.


مەن چۈشىنىشكە پۈتۈن زېھنىمنى بېرىپ، دانالىقنى ئىزدەپ تاپماقچى ۋە بارلىق ئىشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولدۇم. مەن يەنە رەزىللىكنىڭ شۇنچىلىك نادانلىق، ئەخمەقلىقنىڭ شۇنچىلىك تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم.


بۇ نەسىھەتلەرنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىپ، يەنە بىرىگە سەل قارىما، چۈنكى خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار ھەر ئىككىلىسىگە ئەمەل قىلىدۇ.


ئادەم ئۈچۈن يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىق يوقتۇر. بىلدىمكى، بۇمۇ خۇدانىڭ قولى بىلەن بولىدىكەن.


ئادەم ئۆلسە قايتا تىرىلەمدۇ؟ ئەگەر قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسا، مەن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە بولساممۇ، تاكى سەن ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچە كۈتەتتىم.


ئابىگال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، نابال ئۆيىدە خۇددى پادىشاھتەك كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ خۇشال ۋەمەست ئىدى. شۇڭا ئابىگال ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى.


ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ دۇنيادا 130 يىل ياشىدىم، ھاياتىم مۇساپىرچىلىق ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتتى. مەن تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېشىغا يەتمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.


بىراق ئۈزۈم كۆچىتىمۇ ئۇلارغا: «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان شارابىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.


كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا، قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە، جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە.


مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئەڭ ياخشى ئىش، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى خۇدا بەرگەن چەكلىك ھاياتىدا، يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئىكەن. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر.


شۇڭا مەن ئىنسانلارغا، بۇ دۇنيادا يەپ-ئىچىپ، ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا خۇدا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ھاياتىدا ئۇلار جاپالىق ئىشلىسىمۇ، خۇشاللىق ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ.


زىياپەت خۇشاللىق ئۈچۈندۇر، شارابمۇ خۇشاللىق ئۈچۈندۇر، پۇل بولسا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite