24 ئادەم ئۈچۈن يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىق يوقتۇر. بىلدىمكى، بۇمۇ خۇدانىڭ قولى بىلەن بولىدىكەن.
شۇنى ئېنىق بىلدىمكى، ئىنسان ئۈچۈن ئۆز مېھنىتىدىن خۇشاللىق تېپىشتىن باشقا ياخشىراق نەرسە يوق ئىكەن، چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىممۇ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرەلىسۇن؟
بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن.
شۇڭا مەن ئىنسانلارغا، بۇ دۇنيادا يەپ-ئىچىپ، ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا خۇدا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ھاياتىدا ئۇلار جاپالىق ئىشلىسىمۇ، خۇشاللىق ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ.
مەن ئەفەس شەھىرىدە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاش ئاشۇ رەقىبلەر بىلەن ئېلىشتىم. ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، مېنىڭ شۇنداق قىلغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بولاتتى؟ ئەگەر ئۆلگەنلەر تىرىلمىسە، ئۇنداقتا «بەرىبىر ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولاتتى!
پەقەت پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن جايدىلا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېسەڭلار بولىدۇ. ئۇ يەردە قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار.
شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلگەن. ئۇ ھەمىشە ھەممىمىزگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىمىزنى بېرىپ، قەلبىمىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
خۇدا بەزى ئادەملەرنى بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇلار كۆڭلى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارغا بۇ نەرسىلەردىن بەھرىلىنىش ئىمكانى بەرمەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن ياتلار بەھرىلىنىدۇ. مانا بۇ بىھۇدىلىكتۇر، بۇ ئازابلىق بىر ئىشتۇر.
سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ زېمىنى يوقلۇقى ئېسىڭلاردا بولسۇن.
ئەمدى كۆپچىلىك قايتىپ زىياپەت تەييارلاڭلار. ئېسىل تائام ۋە شېرىن ئىچىملىكلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار. ئۇلارنى ھېچنېمە ھازىرلىيالمىغانلار بىلەن بۆلۈپ يەڭلار. بۈگۈن خۇدايىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر، قايغۇرماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن شاد-خۇراملىقىمىز بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزدۇر! _ دېدى.
چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى شاراب بىلەن خۇش قىلىپ باقماقچى بولدۇم. ئۆزۈمنى نادان تۇتماقچى بولساممۇ، لېكىن قەلبىم مېنى يەنىلا دانالىققا باشلىدى. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، ئىنسان قىسقا ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم.
خۇدا بەرمىسە كىممۇ يەپ-ئىچەلەيدۇ؟ كىممۇ راھەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟
ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ. كىممۇ قىسقا، بىھۇدە ھاياتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟
ئۇلار: «كېلىڭلار، مەن ھاراق ئەكېلەي، قانغۇچە ھاراق ئىچەيلى، ئەتىمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش بولىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەيدۇ.
يەھۇدا قەبىلىسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە قەبىلىسىدىكىلەر خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشال-خۇرام ياشايتتى.
كۆزۈم چۈشكەن، كۆڭلۈم خالىغان ھەرقانداق نەرسىگە چەك قويمىدىم. كۆڭلۈم بۇ قىلغانلىرىمدىن خۇشاللىق تاپتى. بۇ مېنىڭ جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئېرىشكەنلىرىمنىڭ مۇكاپاتى بولدى.
ئۇلار پۈتۈن ئۆمرىنى قاراڭغۇلۇق، چوڭقۇر قايغۇ-ئەلەم، ئازاب ۋە نەپرەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.