20 قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىشلەپ تارتقان جاپالىرىمغا يۈرىكىم ئېچىشىپ، ئۈمىدسىزلەندىم.
ئەگەر پەقەت بۈگۈنكى ھايات ئۈچۈنلا ئەيسا مەسىھكە ئۈمىد باغلىغان بولساق، ئۇ چاغدا بىز بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىچارە كىشىلەردىنمۇ بىچارە بولۇپ قالغان بولىمىز.
ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ، بىنيامىن بىلەن شىموننى سىلەرگە قوشۇپ قايتۇرغاي. ناۋادا تەقدىر بالىلىرىمنى مەندىن ئايرىۋەتسە، ئامالىم يوق! _ دېدى.
لېكىن ئۇلارنىڭ دانا ياكى نادان بولۇشىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇلار قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مېنىڭ دانالىقىم ۋە جاپا-مۇشەققەتلىرىم ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرىمگە ئىگە بولىدۇ. بۇمۇ بىھۇدىلىك ئىكەن.
چۈنكى ئادەملەر دانالىقى، بىلىمى ۋە قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، جاپا-مۇشەققەت بىلەن ئېرىشكەن ئەمگەك مېۋىلىرىنى ھېچقانداق مېھنەت سىڭدۈرمىگەن كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەقىقەتەن بىھۇدىلىك ۋە بەختسىزلىكتۇر.