15 كۆڭلۈمدە يەنە شۇنداق دېدىم: «نادان ئادەمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىدىكەن، ئۇنداقتا يەنە دانا بولۇشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟» كۆڭلۈمدە يەنە: «بۇ بىھۇدىلىكتۇر» دېدىم.
دانا ئادەمنىڭ نادان ئادەمگە قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ نامرات ئادەم بۇ دۇنيادا توغرا ياشاشنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭغا بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
ئىنساننىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
چۈنكى نادان ئادەملەر ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىگە ئوخشاش دانا ئادەملەرمۇ ئوخشاشلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ ھەممىسى بىردەك ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. ئەپسۇسكى، دانا ئادەملەرمۇ نادان ئادەملەردەك ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئادەم قانچە دانا بولسا، شۇنچە كۆپ بولار ئىكەن ھەسرىتى، بىلىمى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ بولار ئىكەن قايغۇسى.
كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: «مەن دانالىقتا يېرۇسالېمنىڭ مەندىن بۇرۇن ئۆتكەن ھەرقانداق بىر ھۆكۈمرانىدىن ئېشىپ كەتتىم. دانالىق ۋە ئىلىمدە ناھايىتى كۆپ تەجرىبىگە ئېرىشتىم.»
«بىھۇدىدۇر، بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.
شۇڭا مەن تىلىكىڭ بويىچە ساڭا بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.
سۆز قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە بىھۇدە بولىدۇ، بۇنىڭ ئادەم ئۈچۈن نېمە پايدىسى بار؟