13 بىلدىمكى، خۇددى يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇقتىن ياخشى بولغىنىدەك، دانالىق نادانلىقتىن ياخشى ئىكەن.
بۇرۇن سىلەر قاراڭغۇلۇقتا ئىدىڭلار. لېكىن، ھازىر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، يورۇقلۇققا چۆمدۈڭلار. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار چوقۇم يورۇقلۇقتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسۇن.
ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. ئەگەر ھاياتىڭلاردىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!
يورۇقلۇق ھۇزۇرلۇقتۇر، ئادەم قۇياشنى كۆرۈپ، كۆڭلى خۇش بولىدۇ.
شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەمنى، ماڭا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر.»
چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا، نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا.
دانالىق قورال-ياراغدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. لېكىن بىر گۇناھكار ئادەم كۆپ ياخشى ئىشلارنى بۇزۇشى مۇمكىن.
شۇڭا مەن: «ئەقىل-پاراسەت قارا كۈچتىن غالىب» دەپ قارايمەن. لېكىن نامرات ئادەمنىڭ پاراسىتى كەمسىتىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ.
دانالىق ئادەمنى شەھەردىكى ئون ئەمەلداردىنمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ.
دانالىققا ئېرىشىش ئالتۇنغا ئېرىشىشتىن كۆپ ئەۋزەلدۇر، ئەقىل-ئىدراكلىقنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن ئەلادۇر.
كالامىڭنىڭ مەنىسى يېشىلگەندە، نۇر چاچار يولىمىزغا، ئەقىل-ئىدراك بېرەر ئۇ ساددا ئىنسانلارغا.
گاللاشقان پالتاڭنى بىلىمىسەڭ، تېخىمۇ كۆپ كۈچۈڭ كېتىدۇ، دانالىق ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
زېرەكنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى چۈشەنگەنلىكىدە، ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئالدامچىلىق قىلىشىدا.