Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 12:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭگە قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار خىرەلىشىپ، ئاسمىنىڭنى قارا بۇلۇتلار قاپلىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 12:2
15 Referans Kwoze  

ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ، ئۇ ئاۋاز خۇددى دېڭىز شاۋقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر كىمكى ئۇ زېمىنغا باقسا، ئۇ زۇلمەت ۋە ئازابنى كۆرىدۇ، يورۇقلۇقمۇ قارا بۇلۇتلاردىن خىرەلىشىدۇ.


گەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىدە بولغاندا، ئەلى ئورۇندۇقىدىن ئارقىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ قېرى ھەم سېمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بويىنى ئۈزۈلۈپ، شۇ زامان جان بەردى. ئۇ ئىسرائىللارغا قىرىق يىل يېتەكچىلىك قىلغانىدى.


ئەلى ئۇ چاغدا 98 ياشتا بولۇپ، كۆزلىرى كۆرمەيتتى.


ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆرگىنىدە تىترەپ سەندىن قورققانىدى. دېڭىز تېگى لەرزىگە كەلگەنىدى.


ماڭا ئازاب-كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكىنىڭ، دەل گۆر ئاغزىدىن مېنى تارتىپ ئېلىپ، جانلاندۇرۇپ يېڭى ھاياتقا باشلىغىنىڭ.


گۈلدۈرلەپ ئېقىپ چۈشكەن شارقىراتمىلىرىڭدەك، توختىماي كەلمەكتە بېشىمغا كۈلپەتلىرىڭ، بېسىپ ئۆتمەكتە مانا ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.


بىر كۈنى كەچتە كۆزلىرى ناھايىتى خىرەلىشىپ كەتكەن ئەلى ئۆز ئورنىدا ياتاتتى.


ئىسرائىل قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، كۆزى تورلىشىپ ياخشى كۆرمەيتتى. يۈسۈپ بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئىسرائىل ئۇلارنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ،


ئىسھاق قېرىپ كەتتى، كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، _ دېدى. _ مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.


- ئۇ بالايىئاپەتلىك كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»


ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.


ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئۆز يورۇقلۇقىنى چۈشۈرمەيدۇ. قۇياش قاپقارا بولۇپ چىقىدۇ، ئايمۇ يورۇقلۇق بەرمەيدۇ.


ئۇ كۈنى ئاي، كۈن تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite