13 ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ.
ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمدى سىلەردىن ئۆزىدىن ئەيمىنىشىڭلارنى، ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىشىڭلارنى، ئۆزىنى سۆيۈشۈڭلارنى، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭلارنى،
ياق، ئەي ئىنسان، نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى پەرۋەردىگار ساڭا بىلدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنى نېمە؟ ئۇ سېنىڭ ئادىل، رەھىمدىل بولۇشۇڭنى ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشىڭنى كۈتىدۇ.
سىلەر، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئۆمۈرۋايەت ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن بارلىق قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلساڭلار، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.
دانالىق پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىكتىن باشلىنۇر، ئەمرىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ھېكمەتلىك بولۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەمدۇسانالار مەڭگۈلۈك بولۇر.
خۇدا ئىنسانلارغا شۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتۇر، رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇش ئەقىل-پاراسەتتۇر.»
ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى.
گۇناھكار ئادەم گەرچە يۈز قېتىم گۇناھ ئۆتكۈزسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، لېكىن مەن شۇنى چۈشەندىمكى، خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار چوقۇم بەخت تاپىدۇ.
مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئېرىشتۈرەر كىشىنى ھەقىقىي ھاياتلىققا، ئۇ قانائەتلىك ياشاپ، ئۇچرىماس بالا-قازاغا.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ.
پەرۋەردىگار سۆيۈنەر ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلاردىن، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن.
كۆپ خام خىيال قىلىش، كۆپ سۆزلەش بىھۇدىلىكتۇر، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇدادىن ئەيمەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن، تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: «ئەي خۇدانىڭ پۈتكۈل خىزمەتكارلىرى، ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن كاتتا ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!»
بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار.
گۇناھكارلارغا ھەسەت قىلما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەن دائىما.
مەن سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمگە بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار. مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: _ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.
ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ. كىممۇ قىسقا، بىھۇدە ھاياتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟
چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى شاراب بىلەن خۇش قىلىپ باقماقچى بولدۇم. ئۆزۈمنى نادان تۇتماقچى بولساممۇ، لېكىن قەلبىم مېنى يەنىلا دانالىققا باشلىدى. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، ئىنسان قىسقا ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم.
سىلەر چوقۇم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئويلاڭلار.
مەن شۇنى بىلدىمكى، خۇدا قىلغان ھەرقانداق بىر ئىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئازايتىپ ياكى كۆپەيتەلمەيدۇ. خۇدا بۇ ئىشلارنى ئادەملەر مەندىن ئەيمەنسۇن، دەپ قىلغاندۇر.
بۇ نەسىھەتلەرنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىپ، يەنە بىرىگە سەل قارىما، چۈنكى خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار ھەر ئىككىلىسىگە ئەمەل قىلىدۇ.
پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغانلار جازالانمايدۇ. دانا ئادەم ھەرقانداق ئىشنىڭ پەيتى ۋە ئۇسۇلىنى بىلىدۇ.
سىلەر سىناي تېغىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ كۈنى، پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى ھۇزۇرۇمغا يىغقىن، ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، مەندىن ئۆمۈر بويى ئەيمىنىشنى ئۆگەنسۇن، پەرزەنتلىرىگىمۇ ئۆگەتسۇن» دېدى.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پەقەت ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم قىلىڭلار.
پەرۋەردىگارىڭ خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمر-پەرمان، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەيلى نېمە ئىش قىلمىغىن، مەيلى قايسى تەرەپكە ماڭمىغىن، ھەربىر ئىشىڭدا روناق تاپىسەن.